19 - ماي تۈرك دۇنياسى تىرىلىش مۇكاپاتى ئىلھام ئەلىيېۋگە بېرىلدى

تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر فوندى — TÜRKSAV، «19 - ماي تۈرك دۇنياسى تىرىلىش مۇكاپاتى» نىڭ بۇ يىل ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغا بېرىلىشىنى قارار قىلدى

1557084
19 - ماي تۈرك دۇنياسى تىرىلىش مۇكاپاتى ئىلھام ئەلىيېۋگە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  TÜRKSAV يازما بايانات ئېلان قىلىپ، فوندى ئىدارە ھەيئىتى رەئىسى يەھيا ئاقئەنگىننىڭ سۆز قىلىپ، فوندىنىڭ 25 يىلدىن بۇيان تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەۋاتقانلىقىنى، 1919 – يىلى 19 – ماي تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇساپا كامال ئاتاتۈرك ئانادۇلۇدا باشلىغان تۈرك دۇنياسى تىرىلىش ھەرىكىتىنىڭ ھازىرمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا سەھرالىرى ۋە كاۋكاز ۋادىلىرىدا تۈرك دۇنياسى رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشغالچىلارغا قارشى داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەزەربەيجاننىڭ ئۆتكەن يىلى قولغا كەلتۈرگەن زەپىرىگە ئىشارەت قىلغان ئاقئەنگىننىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «2020- يىلى ئەزەربەيجان تۈركلىرىنىڭ ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ رەھبەرلىكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېقىندىن قوللىشى ۋە تۈرك كېڭىشىنىڭ مەنىۋى ياردىمى سايىسىدا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسى، ئۆز نۆۋىتىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىشغالچى جاھانگىرلىك ئىدىيەسىگە قارشى قولغا كەلتۈرگەن ئورتاق غەلىبىسىدۇر. بۇ كۈرەشنىڭ بايراقدارلىقىنى قىلغان ھۆرمەتلىك ئىلھام ئەلىيېۋگە بۇ مۇكاپاتنى سۇنغانلىقىمىزدىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر