ئەزەربەيجان ئەتە  تاغلىق قاراباغنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن تەبرىكلەيدۇ

ئەزەربەيجانلىقلار تاغلىق قاراباغدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبە مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەتە (10.12.2020)  پايتەخت باكۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پاراتنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

1542540
ئەزەربەيجان ئەتە  تاغلىق قاراباغنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن تەبرىكلەيدۇ
azerbaycan tören prova 1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى يەرلەرنىڭ ئازاد قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم ئۈچۈن باكۇدا كوچىلار ۋە بىنالار ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن بېزەلدى. ھەربىي قىسىملار ۋە ئاپتوموبىللار ئۆتىدىغان يوللار تەييارلاندى، مۇراسىم مەيدانىغا بارىدىغان مېھمانلار ئۈچۈن مۇنبەرلەر قۇرۇلدى.

ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم ئۈچۈن رېپېتىتسىيە داۋاملاشماقتا.

مۇراسىمدا، ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن 3 مىڭ ئەسكەر پاراتتىن ئۆتىدۇ ھەمدە ئارمىيە ئىشلىتىۋاتقان زامانىۋى قورال -  ياراغلارمۇ كۆرسىتىلىدۇ.

مۇراسىمدا يەنە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قورال تۈرلىرى ئىچىدە ئورۇن ئالغان «Bayraktar TB2 SİHA»  ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايتروپىلانلارمۇ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

مۇراسىمدا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىدىن ئۆلجا ئالغان برونىۋېك ئاپتوموبىللار ۋە باشقا قوراللارمۇ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇراسىمغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە  قاتنىشىدۇ. ئەردوغاننىڭ مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەردوغان ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىرگە، ئەسكەرلەرنىڭ پاراتتىن ئۆتۈشىنى كۆرىدۇ.

مۇراسىمغا، ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىدىن باشقا قىزىل قالپاقلىق تۈركىيە ئەسكەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر