ئەزەربەيجان شېھىتلىرىنى ئەسلىدى

ئەزەربەيجاندا ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە شېھىت بولغان ئەسكەرلەر، ھۆرمەت بىلەن ئەسلەندى.

1539673
ئەزەربەيجان شېھىتلىرىنى ئەسلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەتەن ئۇرۇشىدا جانلىرىنى پېدا قىلغان شېھىتلىرىنى ئەسلىگەن ئەزەربەيجاندا، ھايات بىر مىنۇت توختىدى. شۇ يەر ۋاقتى 12:00 دە كىشىلەر ئاپتوموبىللىرىدىن چۈشۈپ ھۆرمەتتە تۇردى، ئارقىدىن دۈدۈك چالدى. باكۇدىكى شېھىتلار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغان كىشىلەر سائەت 12:00 نى كۆرسەتكەندە، ھۆرمەتتە تۇردى. بۇ جەرياندا، ھازار دېڭىزى ساھىلىدىكى پاراخوتلارمۇ دۈدۈك چالدى.

تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىمۇ، ئەلچىخانا خادىملىرى ھۆرمەتتە تۇرۇپ شېھىتلارنى ئەسلىدى.

ئەزەربەيجاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان گەنجەدە سائەت 12:00 بولغاندا، ھايات بىر مىنۇت توختىدى. شەھەر مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان غايەت زور تېلېۋىزور ئېكرانىدا، توقۇنۇشلارغا ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبىلەرگە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلدى. شەھەر مەيدانىغا توپلانغان كىشىلەر ھۆرمەتتە تۇردى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە رەپىقىسى مىھرىبان ئەلىيېۋ ئەتىگەندە باكۇ شېھىتلار قەبرىستانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشتى. ئىلھام ئەلىيېۋ ئەبەدىي مەشئەل مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2020-يىلى 27-سېنتەبىر باشلانغان ۋە 10-نويابىر ئەرمېنىيەنىڭ يىڭىلگەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئىمزا قويۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشتا، 2 مىڭ 783 ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 27-سېنتەبىر باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتتە، بەش شەھەر مەركىزىنى، تۆت يېزا بازار ۋە 286 يېزىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، يىڭىلگەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئەرمېنىيە ئىمزا قويغان كېلىشىم بويىچە، ئىشغال ئاستىدىكى ئاغدام، لاچىن ۋە كەلبەجەرىدىن چېكىنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر