ئاتاتۈرككە بولغان ھۆرمەت «زەپەر كۈنى» نى ئۆزگەرتىشكە سەۋەب بولدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ «زەپەر كۈنى» بولغان 10-نويابىر كۈنىنى، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتى كۈنى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، شۇشا ئازاد قىلىنغان 8-نويابىر كۈنىگە ئالماشتۇردى.

1538960
ئاتاتۈرككە بولغان ھۆرمەت «زەپەر كۈنى» نى ئۆزگەرتىشكە سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى زەپەر كۈنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەرمېنىيە يىڭىلگەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ۋە خىتابنامىگە ئىمزا قويغان، شۇنداقلا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن «زەپەر كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغان 10-نويابىر كۈنىنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۈرك دۇنياسىدا ئىسمىنى ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يازدۇرغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەزەربەيجاننى چىن قەلبىدىن سۆيگەن ۋە «ئەزەربەيجاننىڭ خۇشاللىقىنى خۇشاللىقىمىز، تەقدىرىنى تەقدىرىمىز» دېگەن مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ، ھەر بىر ئەزەربەيجانلىقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ 10-نويابىرنىڭ ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، «زەپەر كۈنى» نى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ھەر بىر ئەزەربەيجانلىق ئۈچۈن قىممەتلىك شەھەر بولغان، قاراباغنىڭ مەرۋايىتى شۇشا ئازاد بولغاندا، ئۇرۇشنىڭ تەقدىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، ئەرمېنىيەنىڭ يىڭىلىشىگە ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىشىغا سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىنىش بىلەن بىرگە، «زەپەر كۈنى» نىڭ شۇشا ئازاد قىلىنغان 8-نويابىرغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 44 كۈن داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، بەش شەھەر مەركىزىنى، تۆت يېزا بازار ۋە 286 يېزىنى ئازاد قىلىشى بىلەن، ئەرمېنىيە يىڭىلگەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئەرمېنىيە ئىشغال ئاستىدىكى ئاغدام، لاچىن ۋە كەلبەجەر ۋىلايەتلىرىنى بوشىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان كېلىشىمگە، 10-نويابىر (2020) ئىمزا قويغان ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر