ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 28 يىللىق ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، لاچىنغا كىردى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئارىدىن  28 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان لاچىنغا كىردى.

1537358
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 28 يىللىق ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، لاچىنغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى ئاي رۇسىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئەرمېنىيە تۈنۈگۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 24:00 تە لاچىندىن ئايرىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كەلبەجەر ۋە ئاگدامدىن چېكىنگەن ئىدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 27 - سىنتتەبىردە قوزغىغان ھەرىكەتتە، 5 شەھەر مەركىزى، 4 يېزا-بازار ۋە 286 يېزىنى ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ئەرمىنىيە يېڭىلگەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئاغدام، لاچىن، كەلبەجەر ۋىلايەتلىرىدىنىمۇ چېكىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئىدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى 20 - نويابىر ئاگدامدىن ۋە 25 - نويابىردا كەلبەجەردىن چېكىنىپ چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر