ئەزەربەيجان فىرانسىيەگە نوتا تاپشۇردى

ئەزەربەيجان فىرانسىيە پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان قارارى مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيەگە نوتا تاپشۇردى.

1535144
ئەزەربەيجان فىرانسىيەگە نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ باكۇ ئەلچىسى زاچارې گورس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، ئۇنىڭغا ئەزەربەيجاننىڭ نوتاسى بېرىلگەن.

ئەلچى گروسمۇ، ئەزەربەيجاننىڭ نوتاسىنى دۆلىتىدە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

فىرانسىيە پالاتاسى، ئالدىنقى كۈنى، تاغلىق قاراباغنىڭ ئاتالمىش ئەرمېنىيە ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، قارار ماقۇللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر