خەلقئارا تۈرك كۈلتۈر ۋە مىراس فوندىن فۇزۇلىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

خەلقئارا تۈرك كۈلتۈر ۋە مىراس فوندىنىڭ مەسئۇلى گۈناي ئەفەندىيېۋا، ئىشغال ئاستىدىكى ئەزەربەيجان شەھەرلىرىگە ئوت قويۇپ بېرىپ، ۋەيران قىلغان ئەرمېنىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بۇ ئەھۋالغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.

1535149
خەلقئارا تۈرك كۈلتۈر ۋە مىراس فوندىن فۇزۇلىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەفەندىيېۋا، ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان فۇزۇلى شەھىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە بۇ يەردە كۆرگەن ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەردىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، فۇزۇلىدىكى بارلىق ئۆي – ئىمارەتلەرگە ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى، بىرمۇ ساغلام بىنا قالمىغانلىقىنى، پۇقراۋى ئۆي – ماكانلار ۋە تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ يوق قىلىنىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «فۇزۇلىدا قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەرنى كۆردۇق. بۇ يەردە تارىخىي ئابىدەلەر، جامەلەر، مەقبەرەلەر، كارۋانسارايلار ۋە بىنالار ۋەيران قىلىنىپتۇ. دۇنيا جامائەتچىلىكى  بۇ قىلمىشلارغا سۈكۈت قىلماسلىقى ۋە بۇ ھەقتە قانۇنىي جەھەتتىن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەك.»

ئەرمېنىيە ئۇدا 27 يىل ئىشغال ئاستىدا تۇتقان فۇزۇلى شەھىرى، 17 – ئۆكتەبىر كۈنى ئازاد قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر