ئەزەربەيجان فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، فىرانسىيە پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش «تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتى»نى ئېتىراپ قىلغان قارارىغا «بىر تەرەپلىمە» ۋە «ئىغۋاگەر» دەپ باھا بەردى.

1534676
ئەزەربەيجان فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش «تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتى»نى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا «بىر تەرەپلىمە» دەپ باھا بەردى ۋە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «فىرانسىيە پالاتاسىنىڭ بىر تەرەپلىمە بىر قارارنى ماقۇللىشىنى ئىغۋاگەرچىلىك دەپ قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ» دېدى

مەزكۇر قارارنىڭ ئىجرائىيە كۈچى يوقلۇقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلك رولىنى ئۈستىگە ئالغان بىر دۆلەت تەرىپىدىن بۇنداق بىر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، بۇ دۆلەتنىڭ بىتەرەپلىكى توغرىسىدا ئېغىر گۇمان پەيدا قىلىدۇ. بۇ قارار، ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ نەزىرىدە ئادىل مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى دەپ قارىلىدىغان فىرانسىيەنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

فىرانسىيەدىكى ئەرمەنلەرنىڭ تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىدىن سايلامدىن ئىلگىرى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى ۋە «فىرانسىيە پالاتاسى، خاتا مۆلچەرلەرگە تايانغان بۇنداق قارارلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا خىزمەت قىلىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولسا، ھەم فىرانسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرى ھەم رايوننىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا ياردەمچى بولاتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

فىرانسىيە پالاتاسى تۈنۈگۈن ئاتالمىش «تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتى» نى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر