ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلات ئېلان قىلىنىدۇ

تۈركىيە جەمئىيەت كۆزىتىش ئىدارىسى ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىدا ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا دوكلات تەييارلىدى.

1535028
ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلات ئېلان قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جەمئىيەت كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ خادىمى شەرەف مالكوچ مۇشۇ ھەپتىلەردىن باشلاپ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاندىكى ئۇرۇش جىنايىتى بايان قىلىنغان دوكلاتنى تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلار بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىلىرىغا ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىدا، ئەزەربەيجانغا بېرىپ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان ئاھالىلەر رايونلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئەزەربەيقانغا بارغىنىمىزدا، بولۇپمۇ ئۇرۇش مەيدانى سىرتىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى، گەنجە، تەرتەر، گورانبوي، ئاغدام ھەتتا باكۇ ئەتراپىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان جايلارنى تەكشۈردۇق. گەنجە ئالدىنقى سەپتىن ئونلارچە كىلومېتىر يىراق بولۇشىغا قارىماي ئەرمېنىيەدىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار چۈشتى. تەرتەرمۇ ئوخشاش ھۇجۇملارغا ئۇچرىدى» دېدى.

ئۇ ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمىدا 94 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 414 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇرۇشنىڭ بولماسلىقىقى ئۈمىد قىلىمىز، بىراق خەلقئارالىق قانۇنغا ئاساسەن يوللۇق قوغدىنىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن فىرونتلاردا ئۇرۇش چىقىشى مۇمكىن. قەستەنگە ئالدىنقى سەپتىن 150-100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىش ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئەقەللىي ھەق-ھوقۇققا ۋە جەنۋە شەرنامىسىگە خىلاپ.»

ئۇ ئەزەربەيجاندىكى تەكشۈرۈشلىرىدە ھۇجۇملارنىڭ زىيانكەشلىكىگە گۇۋاھ بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ھۇجۇملار نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ يېقىنلىرى ۋە يارىلانغانلار بىلەن سۆزلەشتۇق. ۋەيران بولغان مەكتەپلەرنى ۋە ئۆيلەرنى كۆردۇق. ئىبادەتخانىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆردۇق. مۇھىتنىڭ قانداق ۋەيران قىلىنغانلىقىنى، چەكلەنگەن قورال-ياراغلارنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆردۇق. بۇ دوكلاتتا ھەممىسى بايانا قىلىنىدۇ.

ئۇ يەتتە بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان دوكلاتتا، «تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى»، «نەق جاينى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن بايقاشلار»، «كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئۇرۇشنى باھالاش» قاتارلىق تېمىلارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ فوتوگرافلىرىنى ۋە قەيەردە شېھىت قىلىنغانلىقىنى ئايرىم-ئايرىم تەكشۈردۇق. ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى، پۇقرالارنى قەتلى قىلغانلارنىڭ، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق سالغانلارنى، كېچە سائەت 01:00 دە بىر ياشلىق كىچىك بالىلارنى ياكى ياشانغانلارنى، ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغانلارنى ئۆلتۈرگەنلەرنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق سوتتا سوتلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلدۇق. دوكلاتنى مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگان ۋە تەشكىلاتلار بىلەن دۇنيادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا ئەۋەتىمىز.  ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرىغىمۇ ئەۋەتىمىز. ئەلبەتتە، ئەزەربەيجانغىمۇ ئەۋەتىپ بېرىمىز. ئىنسانىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشتۇق. بۇندىن كېيىنكى ئىشلار، خەلقئارالىق ئىدارە-ئورگانلارغا ئائىت. بۇ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى، جەنۋە شەرتنامىسىغا، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسى ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى سوتلاش، مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگان ۋە كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، بۇلارنى يېزىپ-خاتىرىلەشتۇر» دېدى.

ئۇ ئەرمېنىيە ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، «ئۆزىدىن ھېساب سورالمايدۇ» دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئۇلار ئۇنتۇغان بىر نەرسە بار. ھازىرقى دۇنيا بۇرۇنقى كونا دۇنيا ئەمەس. ئەزەربەيجانمۇ بۇرۇنقى ئەزەربەيجان ئەمەس. تۈركىيەمۇ بۇرۇنقى كونا تۈركىيە ئەمەس. ئەرمېنىيە بۈگۈنگىچە ئۆزىگە يەل بەرگەنلەرنى قوغدايدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما بۇ دوكلات، ئەرمېنىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى سوتلاشقا دەلىل بولىدۇ.»

ئۇ ئەرمېنىيەنىڭ 10-نويابىر ئۇرۇش توختىتىش ئىجرا قىلىنىپ چېكىنگەندىن كېيىن، ئىشغال قىلىنغان جايلارنىڭ ۋەيرانچىلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «شۇشا، ئاغدام، تەرتەر ۋە كەلبەرجەدە تارىخقا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر بار. جامەلەر چوشقا قوتانلىرىغا ئايلاندۇرۇلۇپتۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرى ۋەيران قىلىنىپتۇ.  مۇشۇنداق بولسا بولامدۇ؟ خوجالىدىكى قەتلىئاملارنىڭ سورىقى قىلىنغانغا ئوخشاش، بۇلارنىڭمۇ سورىقى قىلىنىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، ھېچكىم بۇنداق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈشكە جاسارەت قىلالمايدىغان بولىدۇ» دېدى.

ئەرمېنىيەنىڭ ئالدىنقى سەپتىن ئىنتايىن يىراقلاردا بولغان ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا: «ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئاھالىلەر رايونلىرىغا، مىسكەت بومبىسىغا ئوخشاش چەكلەنگەن قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلدى. شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى رامكىسىدىمۇ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى» دېگەن ئەيىبلەشلەر بار.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان جايلارنىڭ فوتوگرافلىرى كۆز ئالدىمىزدا تىزىلغاندا، 3 مىڭ 410 يۈرۈش بىر قەۋەتلىك ئۆي، 120 ئېگىز قەۋەتلىك ئاھالىلەر بىناسى ۋە 512 خۇسۇسىي شىركەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ھۇجۇملار نەتىجىسىدە يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن دوكلاتتا، گەنجەدىكى بىر ئۆي زىيارىتى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ھۇجۇمدا ئاتا-ئانىسى ۋە ھەدىسى بىلەن چوڭ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىككى ياشلىق نىلاينىڭ ھاممىسى بىلەن تونۇشتۇق. نىلاينىڭ ھاممىسى نىلاينىڭ ئانىسىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى، نىلاينىڭ ئۇلارنى ئويلاپ توختىماي يىغلايدىغانلىقىنى ۋە ئانىسىنى سورايدىغانلىقىنى دەپ بەردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر