ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كەلبەجەردە

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇدا 27 يىلدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان كەلبەجەرگە كىردى

1533801
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كەلبەجەردە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، 10 – نويابىر كۈنى تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلگەن، ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ئالدىدا يېڭىلگەنلىكىنى قوبۇل قىلغان، ئارقىدىنلا، تاغلىق قاراباغدا 7 رايوندىن چېكىنىپ چېقىپ كېتىشنى قوبۇل قىلغانىدى.

ئەرمېنىيەدىن كەلبەجەرنى 15 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن، رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك شەرت – شارائىتلىرى ۋە چەكلىك قاتناش ئىمكانىيەتلىرى سەۋەبىدىن، بۇ مۇددەت ئېرىۋاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن، 25 – نويابىرغىچە ئۇزارتىلغانىدى.

ئاممىۋى تاراتقۇلار ۋە رۇس خەۋەر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردە، كەلبەجەرنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئەرمەنلەرنىڭ ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئۆي – ماكانلار، مەكتەپلەر، دۆلەت بىنالىرى ۋە دەل – دەرەخلەرگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكى، بىر قىسىم ئىمارەتلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى كۆرۈلگەنىدى.

ئەرمېنىيە تەرەپكە بېرىلگەن قوشۇمچە مۇددەتنىڭ تۈنۈگۈن كېچە توشۇشى بىلەن تەڭ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كەلبەجەرگە كىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر