ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاندىكى ئۇرۇش جىنايىتى رەسمىي دوكلات بىلەن خەلقئارا سوتقا سۇنىلىدۇ

ئورگانلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى (KDK) ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىدا ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە دوكلات تەييارلىدى.

1533231
ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاندىكى ئۇرۇش جىنايىتى رەسمىي دوكلات بىلەن خەلقئارا سوتقا سۇنىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورگانلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى (KDK) نىڭ باش تەكشۈرگۈچىسى شەرەف مالكوچ  ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايىتى مۇلاھىزە قىلىنغان دوكلاتنى مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگان - تەشكىلاتلار  بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرىغا يوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شەرەف مالكوچ  دوكلات تەييارلاش جەريانىدا، ئەزەربەيجانغا بېرىپ، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرالار ئولتۇراق رايونىنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەرمەنېيەنىڭ ھۇجۇملىرى تۈپەيلىدىن 94 ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 414 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرەف مالكوچ: « ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرى تۈپەيلىدىن قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ فوتو - سۈرەتلىرىنى ۋە قەيەرلەردە شېھىت قىلىنغالىقلىرىنى ئايرىم ئايرىم تەكشۈرۈپ چىقتۇق» دېدى.

شەرەف مالكوچ ئەرمېنىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق سوتلاردا سوتقا تارتىلىشىدا بۇ دوكلاتنىڭ ئىسپات بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دوكلات، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ۋەيران قىلىنغان پۇقرالار ئولتۇراق رايونىنىڭ رەسىملىرىنى ۋە بۇزغۇنچىلىقلىقلىرىنى نامايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ھۇجۇمدا 3410 ئايرىم ئۆي، 120 قورۇلۇق تۇرالغۇلار ۋە 512 پۇقراۋى مۇئسسىسەنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر