ئەلىيېۋ: تارىخىي يادىكارلىقلىرىمىز دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتىدۇ

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىدىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردىكى بارلىق تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1533301
ئەلىيېۋ: تارىخىي يادىكارلىقلىرىمىز دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ رەپىقىسى مېھرىبان ئەلىيېۋا بىلەن بىرلىكتە تۈنۈگۈن ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىدىن ئازاد قىلىنغان ئاغدام شەھىرىنى زىيارىتى ئەسناسىدا، ئاساسلىق قۇرۇلمىسى ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر يادىكارلىق بولغان تارىخىي جامەنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئاغدامنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرۈشنىڭ تولىمۇ ئازابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆزلىرىنى سىياسىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا تۈركىيە ۋە بىۋاسىتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەلىيېۋ، تۈركىيەدىن باشقا يەنە، بىرقانچە دۆلەتنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى، بىر قىسىم غەرب رەھبەرلىرىنىڭ، ئەزەربەيجان ئىشغالدىن ئازاد قىلغان رايونلاردىكى خىرىستىيانلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەنلىكلىرىنى، جۈملىدىن، ھەم ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىرىدە ھەمدە رەسمىي باياناتلىرىدا بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھېچكىمنىڭ، بولۇپمۇ ھېس – تۇيغۇلارغا ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ ئوتىنى تۇتاشتۇرۇۋەتكەن غەرب رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئەندىشە قىلىشىنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. دەرۋەقە، ئۇلار مۇقەددەس ئىسلام دىنىنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا ھاقارەت قىلغۇچىلارنى <ھەقلىق> دەپ قاراۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە سۆز ئېچىش ھوقۇقى يوقتۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بارلىق ئىبادەتخانىلار، بىزنىڭ تارىخىي بايلىقلىرىمىزدۇر. جامەلەرنى تاقىلغانلار تېخى بىزنى تەنقىد قىلماقچىمۇ؟ جامەلەرگە چوشقا بېشىنى ئېسىپ قويغۇچىلارنىڭ، بىزگە نەسىھەت قىلىش ۋە ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش سالاھىيىتى بارمۇ؟ دەرۋەقە، بىزگە ھېچقانداق بىر ئەندىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. چۈنكى، بارلىق تارىخىي يادىكارلىقلىرىمىز دۆلەت تەرىپىدىن قوغدالماقتا.»

ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە ئەزەربەيجانلىقلارغا ئائىت كۆپ ساندا جامەنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، بىر قىسمىنىڭ چوقا قۇتىنى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋال، بىر قىسىم غەرب رەھبەرلىرىنى ئەندىشىلەندۈردىمۇ؟ ياق، دېمەك، ئۇلارنىڭ ئېڭىچە بولغاندا، جامەلەرگە ھاقارەت قىلىشقا، جامەلەرنى ۋەيران قىلىشقا ۋە چوشقا قۇتىنىغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلار بۇنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئېيتسۇن ۋە بىز بىلەن ھەپىلەشمەي، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشسۇن. ھېچكىم بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشمىسۇن. چۈنكى، بىز بۇ سەۋىيەگە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا تايىنىپ يەتتۇق. بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا، ئىغۋاگەرلىكلىرىگە قارىماي، قان تۆكۈپ ئۆز زېمىنىمىزنى ئازاد قىلدۇق. ھەممە كېتىپ، ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسۇن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر