ئىراق تۈركمەن فرونتى (ITF) نىڭ رەئىسى ئىرشات سالىھى ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ زەپىرىنى تەبرىكلىدى

ئىراق تۈركمەن فرونتى (ITF) نىڭ رەئىسى ئىرشات سالىھى ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ زەپىرى ۋە ئەرمېنىيە بىلەن ئىمزالانغان كېيىنكى كېلىشىم مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

1532513
ئىراق تۈركمەن فرونتى (ITF) نىڭ رەئىسى ئىرشات سالىھى ئەزەربەيجاننىڭ  قاراباغ زەپىرىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تۈركمەن فرونتى (ITF) نىڭ رەئىسى ئىرشات سالىھى تەبرىكنامىسىدا، تەخمىنەن 30 يىلدىن بېرى ئەرمېنىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان تاغلىق قاراباغ رايونىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قەھرىمان ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرى باشلىغان قايتارما ھەرىكەتنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىرشات سالىھى: «ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۈنۈملۈك سىياسىي ۋە دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە، ئەرمېنىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى بىلەن ھەم مەيداندا، ھەم ئۈستەلدە ئۇتۇقلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشى ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشغال قىلىنغان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ ئازاد قىلىنىشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ بىر زەپەردۇر» دېدى.

ئىرشات سالىھى 2020 - يىلى 9-  نويابىردا ئىمزالانغان تاغلىق قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ رايونغا ۋە پۈتكۈل كاۋكازغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، چارەك ئەسىردىن بۇيان كۆچمەنلەرگە ئايلانغان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر