ئەرمېنىيەلىك قوماندان: «ئىسكەردەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەتتۇق

ئەرمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن گېنېرال موۋسېس ھاكوپيان، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشلار ئەسناسىدا، رۇسىيەدە ياسالغان «ئىسكەردەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەتكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1531686
ئەرمېنىيەلىك قوماندان: «ئىسكەردەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاكوپيان، ئېرىۋاندا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا «ئىسكەندەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقىغا ئالاقىدار دەۋالار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيە ئارمىيەسى، تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشلار ئەسناسىدا، يادرو ئوق بېشى ئورناتقىلى بولىدىغان رۇسىيەدە ياسالغان‹ئىسكەندەر› ناملىق  باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلەتتى، ئەمما قەيەردە ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيمەن.»

ئۇ، ئەرمېنىيەنىڭ رۇسىيەدىن «Su-30M» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىۋېلىشىنى تەنقىد قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئايروپىلانلارنى كېرەكلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سېتىۋالالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىشلىتەلمىدۇق. چۈنكى، رۇسىيە بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ سېتىلىشىغا توسالغۇ بولدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىشقا يارىمايدىغان ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنى سېتىۋالدۇق.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرمېنىيە باش تەپتىش مەھكىمىسى، ھاكوپياننىڭ باياناتلىرى توغرۇلۇق تەكشۈرۈش باشلىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا، 91 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 404 پۇقرا يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر