ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئاغدامغا كىردى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇدا 27 يىلدىن بۇيان ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئاغدام ۋىلايىتىگە كىردى.

1531037
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئاغدامغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا رۇسىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئاغدامغا كىرگەن.

ئاغدام ۋىلايىتىنىڭ تەخمىنەن % 77 لىك قىسمى، 1993 يىلى ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانىدى.

ئىشغال سەۋەبىدىن تەخمىنەن 200 مىڭ ئەزەربەيجانلىق تۇغۇلغان يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.

ئىشغال دەۋرىدە ئەرمەنلەر تەرىپىدىن بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنغان ۋە ئوت قويۇپ بېرىلگەن ئاغدام شەھەر مەركىزى ۋە يېزىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خارابىلىك ۋە قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالغانىدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 27 – سېنتەبىر كۈنى قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، 5 شەھەر مەركىزى، 4 كەنت ۋە 286 يېزا ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، ئەرمېنىيە مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلغان، ئىشغال ئاستىدىكى ئاغدام، لاچىن ۋە كەلبەجەر ۋىلايەتلىرىنىمۇ بوشىتىشى نىشان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر