«ت ر ت مۇزىكا قانىلى» دائەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ زەپىرى تەبرىكلىنىدۇ
ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ تاغلىق قاراباغدا ئەرمېنىيەگە قارشى ئۇرۇشتا قازانغان زەپىرى «‹TRT Müzik› قانىلى» دا كونسېرت ئارقىلىق تەبرىكلىنىدۇ.
1530704
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹TRT Müzik› قانىلى» دا «قاراباغدا بايرام بار» تېمىسىدا بېرىلىدىغان كونسېرتتا، ئەزەربەيجاننىڭ قەھرىمانلىق مەدھىيەلىنىدىغان تەسىرلىك ناخشا – ئۇسسۇللىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.
جاۋىت تەبرىزلى، ئارزۇ قۇربانى ، ئىمران كوچ ۋە سەنەم ئاقدەرمىر يالغۇز كىشىلىك ناخشىچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغان كونسېرت، ئەتە (20 – نويابىر) سائەت 19 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە «‹TRT Müzik› قانىلى» دا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.