ئىلھام ئەلىيېۋ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان ئىككى شەھەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيە ئىشغالىدىن ئازاد قىلىنغان فۇزۇلى ۋە جەبرائىل شەھەرلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

1528928
ئىلھام ئەلىيېۋ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان ئىككى شەھەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ رەپىقىسى مىھرىبان ئەلىيېۋا، ئىنستېگرام ئادرېسى ئارقىلىق ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ مەزكۇر شەھەرلەرنى ئاپتوموبىلىنى ئۆزى ھەيدىگەن ھالدا ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتتى.

ئەلىيېۋا تارقاتقان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئارىسىدا، ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ جەبرائىل ۋىلايىتىنىڭ تارىخىي خۇدافەرىن كۆۋرۈكى تەرىپىگە قاراپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ بار.

بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ ئەتراپتىكى ۋەيران بولۇپ كەتكەن ئۆيلەرگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، «بۇلارمۇ ۋەھشىي دۈشمەن تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ ئۆيلىرى» دەيدۇ.

كۆرۈنۈشلەردە يەنە، ئۇ ئاراز دەرياسىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا «بۇ يەر ئەزەربەيجان – ئىران چېگراسى؛ دوستلۇق چېگراسىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان يەنە بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجان بايرىقىنى سۆيگەندىن كېيىن مۇمىغا چىقىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر