ئەلىيېۋ ئالدىنقى سەپنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئالدىنقى سەپ رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
1528691

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ھەربىي فورما كىيگەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ فۇزۇلى ۋىلايىتى ئاھالىسى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر تارقالدى.
كۆرۈنۈشلەردە، ئەلىيېۋ ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈپ خەلقكە سالام بېرىدۇ، خەلق شوئارلارنى توۋلاپ مېھرى – مۇھەببىتى، سۆيگۈسى ئىزھار قىلىدۇ.
«قاراباغ»، «ئىلھام» دەپ شوئارلارنى توۋلىغان خەلقنىڭ ئۇ لەھزىلەرنى تېلېفونلىرى بىلەن سۈرەتكە تارتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىمۇ دىققەتنى تارتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەزەربەيجاندا شەھەر-يېزا ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئەزەربەيجاندا شەھەر، يېزا-بازار ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.