ئەرمېنىيە كەلبەجەردىن چېكىندى

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئەزەربەيجاننىڭ كەلبەجەر رايونىدىن چېكىندى...

1526471
ئەرمېنىيە كەلبەجەردىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيە بىلەن تاغلىق قاراباغدا 44 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىمزالىغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن ئەزەربەيجاننىڭ كەلبەجەر ناھىيەسىدىن چېكىندى.

كېلىشىمنىڭ 6- ماددىسى دائىرىسىدە، ئەرمېنىيەنىڭ كەلبەجەردىن چېكىنىشى ئۈچۈن 15 – نويابىرغىچە، لاچىندىن چېكىنىشى ئۈچۈن 1 – دېكابىرغىچە مۆھلەت بېرىلگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغالدىن ئازاد قىلغان تاغلىق قاراباغنىڭ سىمۋوللۇق شەھىرى شۇشادا ئارىدىن 28 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەزا ئاۋازى ياڭرىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شۇشادىكى تارىخىي يۇقىرى جەۋھەر ئاغا جامەسىنىڭ مۇنارىغا چىققان بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ ئەزان ئوقۇۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تارقالدى.

ئەزەربەيجاننىڭ تارىخ ۋە كۈلتۈرىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغاندىن باشقا، ھەم رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ھەم تاغلىق قاراباغنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى خانكەندىگە تۇتىشىدىغان يول بويىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە شۇشا، 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغانىدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ 8- نويابىر شۇشانىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر