ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، «تاغلىق قاراباغ ھەرىكىتىدە يېقىنقى 44 كۈن بويىچە  قېرىندىشىمىز تۈركىيەنىڭ  ياردىمىنى دائىم ھېس قىلىپ كەلدۇق» دېدى.

1525698
ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۇندار ۋە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى ھاقان فىداننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، خۇلۇسى ئاقار، ئۈمىت دۇندار ۋە ھاقان فىدان ئەزەبەيجاندا ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغدا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىدىن كېيىنكى تۇنجى يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئۇچرىشىشمۇ ئەلۋەتتە قېرىنداشلىرىم بىلەن بولماقتا. مەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن (تېلېفوندا) كۆرۈشتۈم ۋە كەلگۈسى خىزمىتىمىز توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتىم» دېدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، «ئۆتكەن 44 كۈن بويىچە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىمىزدە، قېرىندىشىمىز تۈركىيەنىڭ  ياردىمىنى دائىم ھېس قىلىپ كەلدۇق. ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن، تۈركىيەدە بىز كۆرگەن مەزىرىلەر قەلبىمىزنى ئىللىتتى. تۈرك قېرىنداشلىرىمىز بۇ غەلىبىنى ئۆز زەپىرىدەك قۇتلىدى » دېدى.

تۈركىيەنىڭ بەرگەن ياردىمى سايىسىدا، ئىرادىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەلىيېۋ، 30 يىلدىن كېيىن ئۆز زېمىنىنى ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ساتلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، تۈركىيە - رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلىدىغان «ئۇرۇش توختىتىشنى كونترول قىلىش ئورتاق مەركىزى» نى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى  بىلدۈرۈپ، «بۇنى مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارايمەن. تاغلىق قاراباغ كىرىزىسىدە تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ باراۋەر رولغا ئىگە بولىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق ۋە مانا بۈگۈن بۇنى قولغا كەلتۈردۇق» دېدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغال قىلىنغان رايونلاردىن چېكىنىشى ئۈچۈن ۋاقىت جەدۋەل بېكىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇ ۋەجىدىن مەزكۇر ئۇرۇش توختىتىش ئورتاق كونترول مەركىزىنىڭ بالدۇرراق قۇرۇشلىشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر