ئەرمېنىيە قىسىملىرى زور چىقىمغا ئۇچرىدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كېچە بويىچە ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان لىنيەلىرىدە ئاھالىلەر رايونلىرىغا ۋە ھەربىي قىسىملارغا ئوق چىقارغان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتتى.

1524238
ئەرمېنىيە قىسىملىرى زور چىقىمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى سەپ ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئالدىنقى سەپتىكى ئاغدەرە، ئاغدام، خوجاۋەند ۋە گۇبادلى لىنيەلىرىدە توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

 يېقىنقى 24 سائەتتە ئېغىر زەربە يىگەن ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ بەزى رايونلاردا نۇرغۇن ئەسكەر ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يوقاتقان ھالدا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ بىر دانە «T-72» تىپلىق تانكىسىنى، بىر دانە «D-30» تىپلىق يىراق مۇساپىلىق زەمبىرىكىنى، بىر دانە مېنامىيوت ۋە بىر دانە قورال-ياراغ بېسىلغان ئاپتوموبىلىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بارلىق سەپلەر بويىچە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر