ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ گازارمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى
زېمىنلىرىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئائىت بىر گازارمىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.
1522793
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ تەرتەر يۆنىلىشىدىكى توناشېن يېزىسىغا جايلاشقان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئائىت بىر گازارما، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ توپقا تۇتۇشى نەتىجىسىدە پاچاقلاپ تاشلانغان.
مىنىستىرلىق، گازارما پاچاقلاپ تاشلانغان پەيتتە ھاۋادىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەرنىمۇ تارقاتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.