ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلىرىدە تۈن بويى ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1522895
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلار ئاساسلىقى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئاغدەرە، خوجاۋەند ۋە گۇبادلى يۆنىلىشلىرىدە داۋاملاشقان.

ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئەسكەرلىرى ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ھالدا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيەسىدىمۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئەرمېنىيە ئارمىيەسى، ئەرمېنىيە تېرروتېرىيەسىدىن توۋۇز، گەدەبەي ۋە داشكەسەن ۋىلايەتلىرىدىكى ئەزەربەيجان نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر