ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپتە ئەرمېنىيە قىسىملىرىنى زور تالاپەتكە ئۇچراتتى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان يۆنۈلۈشلىرىدە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىگە ۋە ئاھالىلەر رايونلىرىغا ئوق چىقارغان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنى زور چىقىمغا ئۇچراتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى سەپ ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئالدىنقى سەپتە توقۇنۇشلارنىڭ ئاساسلىقى ئاغدەرە ۋە خوجاۋەند لىنيەسىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى سەپنىڭ بەزى جايلىرىدا ئەسكەرلىرىنى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يوقاتقان ھالدا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئالدىنقى سەپنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مىنىستىرلىق باياناتىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئەرمېنىيە تەرەپتىن توۋۇز، گەدەبەي ۋە داشكەسەن ۋىلايەتلىرىدىكى ئەزەربەيجان نۇقتىلىرىغا ئوق ئېتىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەزەربەيجاندا شەھەر-يېزا ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئەزەربەيجاندا شەھەر، يېزا-بازار ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.