بايراموۋنىڭ Twitter سەھىپىسى تاقالدى

مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا جايلاشقان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋنىڭ سەھىپىسىنى تاقىدى.

1522218
بايراموۋنىڭ Twitter سەھىپىسى تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋنىڭ سەھىپىسىنىڭ تاقىلىش سەۋەبى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمەسلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەھىپە ئۈستىدە، «بۇ ئادرېس تاقالدى، Twitter پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلمىغان سەھىپىلەرنى تاقايدۇ» ئىبارىسى ئورۇن ئالدى.

 ئىگىلىنىشىچە، بايراموۋنىڭ Twitter سەھىپىسىنىڭ تاقىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئۇچۇرلىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر