لاۋروۋ رۇسىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە تاغلىق قاراباغنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ رۇسىيە «كوممېرسانت» گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، رۇسىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە تاغلىق قاراباغنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

1521513
لاۋروۋ رۇسىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە تاغلىق قاراباغنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋروۋ رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى كرىزىسلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «موسكۋا بىلەن ئەنقەرە دائىرىلىرى ئېلاستىكىلىق ھەم ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە تۇتالايدىغان،  ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشتە ئىستراتېگىيەلىك نىشان بىلەن ھەرىكەت قىلالايدىغان يېقىن شېرىكلەردۇر» دېدى.

لاۋروۋ تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ زورلۇق بىلەن ھەل قىلىنىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لاۋروۋ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى كونترول قىلىدىغان مېخانىزم ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىشى، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ ئورنىتىلىشى ۋە  باكۇ بىلەن يېرېۋاننىڭ سۆھبەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇشى ئۈچۈن بىز رايوندىكى بارلىق تەسىر كۈچىمىزنى ئىشلىتىشنى ۋە تۈرك شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە بۇ يەرگە ئوتتۇرا شەرقتىن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئارىلاشتۇرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ، بۇنى ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدا تىلغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر