ئەلىيېۋ: ھەمىشە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ھال سورىدى ۋە ھەمىشە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1519084
ئەلىيېۋ: ھەمىشە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ، ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ھەمىشە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ يېنىدا ھەم ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپەت تۈپەيلى قايغۇ – ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ئىزمىر خەلقىدىن ھال سورىغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تېلېفون قىلىپ ھال سورىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئىلھام ئەلىيېۋغا رەھمەت ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر