باكۇدىكى سىمۋوللۇق بىنالارغا تۈركىيە بايرىقى چۈشۈرۈلدى
ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇنىڭ يېڭى ئىمارەت سىمۋوللىرىدىن ھايدار ئەلىيېۋ مەركىزى بىلەن باكۇ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ بىناسىغا تۈركىيە بايرىقىنىڭ شولىسى چۈشۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇنىڭ يېڭى ئىمارەت سىمۋوللىرىدىن ھايدار ئەلىيېۋ مەركىزى بىلەن باكۇ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ بىناسىغا تۈركىيە بايرىقىنىڭ شولىسى چۈشۈرۈلدى.
29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە بايرىقى چۈشۈرۈلگەن باكۇ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانى بىلەن ھايدار ئەلىيېۋ مەركىزىدە تۈرك مۇزىكىلىرى ياڭرىدى.
ھايدار ئەلىيېۋ مەركىزىنىڭ بىناسىغا، تۈركىيە بايرىقىنىڭ شولىسىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى تۈركىيەنىڭ باكۇدىكى باش ئەلچىسى ئەركان ئۆزورالمۇ كۆردى.
ئۇ مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ «ئىككى دۆلەت، بىر مىللەت» بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇشاللىقىنىمۇ، تەقدىرىنىمۇ ئورتاقلاشقان ئىككى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بوسنىيە-گرېتسېگوۋىنا پايتەختى سارايېۋۇدا تارىخىي ۋىجېجنىكا كۇتۇپخانىسىمۇ تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەڭلىرىگە پۈركەلدى. شەھەردىكى ئەڭ مۇھىم سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان تارىخىي بىناغا، 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە بايرىقىنىڭ شولىسى چۈشۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.