ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كۆپلىگەن نىشانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى قارىماي ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەردە تۈن بويى ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىگە ۋە ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى.

1518035
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كۆپلىگەن نىشانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلار ئاساسلىقى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ خوجاۋەند، فۇزۇلى ۋە گۇبادلى يۆنىلىشلىرىدە داۋاملاشقان.

ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت بىر دانە «T-72» تىپلىق تانكا، ئىككى دانە گراند باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 14 دانە ئوخشىمىغان شەكىلدىكى توپ، بىرقانچە قاراۋۇلخانا ۋە 6 دانە ھەربىي ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلانغان، كۆپ ساندا ئەرمېنىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ۋەزىيەت تامامەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر