ئۇكرائىنا سىياسىيونلىرى تاغلىق قاراباغ مەسىلىدە ئەزەربەيجاننى قوللىدى

ئۇكرائىنا سىياسىيونلىرى تاغلىق قاراباغنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەرمىنىيەنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1517418
ئۇكرائىنا سىياسىيونلىرى تاغلىق قاراباغ مەسىلىدە ئەزەربەيجاننى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئەزاسى رۇستەم ئۆمەروۋ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، «ئۇكرائىنا دۆلىتى تاغلىق قاراباغنى ئەزەربەيجاننىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ قاوبۇل قىلىدۇ. خەلقئارا جەمائەتمۇ ئەرمېنىيەنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئىشغالىيەت دەپ قارايدۇ» دېدى.

قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى رېفات چۇباروۋمۇ ئۇرۇشنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن 30 يىلدىن بۇيان كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رېفات چۇباروۋ  تاغلىق قاراباغدا ئۈچ قېتىم ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بىراق ھەر قېتىمدا 1 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئەرمېنىيە چوقۇم ئەزەربەيجان زېمىنىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشى كېرەك» دېدى.

ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەرەپلەرنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن رېفات چۇباروۋ: «ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ رايوندىكى ئەرمېنىيە ئاز سانلىقلىرىنىڭ ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن قانداق ياشايدىغانلىقىغا ماس كېلىدىغان فورمۇلا تېپىلىشى كېرەك، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇرۇش توختىتىلىشى لازىم ۋە ئەرمېنىيە ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى لازىم». دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر