ئەرمېنىيە داۋاملىق چېكىنمەكتە

ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلمايۋاتقان ئەرمېنىيە تۈن بويى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

1517278
ئەرمېنىيە داۋاملىق چېكىنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئەزەربەيجان ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. توقۇنۇشلار ئاساسلىقى ئاغدەرە، خوجاۋەند، فۇزۇلى، زەنگلان ۋە گۇدەلى يۆنىلىشلىرىدە داۋاملاشقان. ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇم تەشەببۇسلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ھالدا چېكىنگەن.

بۇ ئارىلىقتا، ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئائىت كۆپ ساندا ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە ئوق - دورا پاچاقلاپ تاشلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئېرىۋان ھۆكۈمىتى، ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتىش ئۈچۈن ئەسكەر يىغىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئىككى مىڭ كىشى توپلاش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەن بولۇشىغا قارىماي، بۇ بۇيرۇققا پەقەت 300 كىشىلا ئىتائەت قىلغان. نۇرغۇن ھەربىي ھۆددىگەرلەر ۋە ساقچىلار ئالدىنقى سەپكە بېرىشنى رەت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر