ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە خىلاپلىق قىلدى، تۆت كىشى ئۆلدى

ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، ئەزەربەيجاننىڭ ئاھالىلەر رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 10 كىشى يارىلاندى.

1516978
ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە خىلاپلىق قىلدى، تۆت كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ گورانبوي، تەرتەر ۋە بەردە ۋىلايەتلىرىگە زەمبىرەك ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھىكمەت ھاجىيېۋمۇ تۋىتتېردا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيەنىڭ بەردەگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا تۆت پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن (2020-يىلى 27-ئۆكتەبىر) «ئەزەربەيجانغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھاجىيېۋ: «ئۇلار بۇنىڭ بىلەن، پۇقرالارغا، بالىلارغا ۋە ئاياللارغا قەست قىلىۋاتاتتى. ئەرمېنىيە داۋاملىق ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دېدى.

ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ ئايال، بىر نەپىرىنىڭ يەتتە ياشلىق قىز بالا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدىكى ۋاقىتلىق ئۇرۇش  توختىتىش 26-ئۆكتەبىر شۇ يەر ۋاقتى 08:00 دە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر