ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم تېررورچىلارنى سېپىگە قوشۇۋىلىپ، ئۇرۇشقا سالماقتا

ئەزەربەيجان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن تېررورچىلارنىڭ ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا قوشۇۋىلىنغانلىقى ۋە ئۇرۇشقا سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە قولىدا پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

1513024
ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم تېررورچىلارنى سېپىگە قوشۇۋىلىپ، ئۇرۇشقا سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۇرسەل ئىسمايىلزادە ياپونىيە چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىدا، ژۇرنالىست ئىلگىن يورۇلمازنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا،  تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

باش ئەلچىسى گۇرسەل ئىسمايىلزادە تاغلىق قاراباغ توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى جەريانلارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ ئۆتكەن يىلى قاراباغ زىيارىتىدىن كېيىن، ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي سىياسەتتە تاجاۋۇزچىلىققا يۈزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

نىكول پاشىنياننىڭ زىيارەت جەريانىدا رايوننى ئەرمېنىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈش چاقىرىقى ئېلان قىلغانلىقى ۋە زىيارەتتىن كېيىن، ئەرمېنىيەنىڭ  تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر رايون ئۈچۈن يېڭى ئۇرۇش باشلايدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بەرگەنلىكىنى، بۇ خىل پوزىتسىيەلەرنىڭ سۆھبەت ئىمكانىيىتىنى خەتەرگە ئىتتىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۇرسەل ئىسمايىلزادە ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىزدە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن تېررورچىلارنىڭ ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا قوشۇۋىلىنغانلىقى ۋە ئۇرۇشقا سېلىنغانلىقىغا دائىر پاكىتلار بار. نۇرغۇنلىغان لىۋانلىق، سۈرىيەلىك ۋە بىر قىسىم تېررورچىلارنىڭ ئەرمېنىيە سېپىدە ئەزەربەيجانغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلىرىمىز بار» دېدى.

تۈركىيەنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھەسەن مۇرات مەرجانمۇ تۈركىيە-ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ساھەسىدە ھەمكارلىق بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «تۈركىيە ئەزەربەيجاننى سىياسىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن قوللايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۈركىيە ھەرگىزمۇ ھەربىي توقۇنۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانمايدۇ. توقۇنۇشلار رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا. بۇ مەسىلىنى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ھەل قىلغىلى بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر