ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلغان ئولتۇراق رايونلارنىڭ سانى 78 گە يەتتى
قەھرىمان ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھۇجۇملىرىغا ئالدىنقى سەپتە تېتىغۇدەك جاۋاب قايتۇرماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيەگە تېگىشلىك جاۋابنى ئالدىنقى سەپتە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيەگە قەھرىمان ئەزەربەيجان ئارمىيەسى جاۋابنى ئالدىنقى سەپتە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. يېڭى ئازاد قىلىنغان 13 يېزا بىلەن بىرگە، ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان ئولتۇراق رايونلارنىڭ سانى 78 كە يەتتى» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.