ئەرمېنىيە ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىشقىمۇ خىلاپلىق قىلدى

ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن تۈزگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغان ھۇجۇمىدا، بىر پۇقرا يارىلاندى ۋە 25 ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

1511839
ئەرمېنىيە ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىشقىمۇ خىلاپلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى ئەرمېنىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىدا، ئەرمېنىيەنىڭ تەرتەر ۋە ئاغجابەدى شەھەرلىرىگە قاراشلىق يېزىلارنى توپقا تۇتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئەزەربەيجاننىڭ تەرتەر شەھىرىگە قاراشلىق ئەلەسگەرلى يېزىسىدا 58 ياشلىق بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمىدا، 25 ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى.

ئەرمېنىيەنىڭ ئاغجابەدى شەھىرىگە قاراشلىق ئۈستۈن قىيامەددىنلى ۋە قاراخانكى يېزىلىرىنىمۇ ئېغىر تىپلىق زەمبىرەكلەر بىلەن بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، 25 ئۆينىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەرمېنىيە 2020-يىلى 27-سېنتەبىردىن بۇيان ئەڭ كۆپ ھۇجۇم قىلغان ۋە ئالدىنقى سەپكە يېقىن بولغان تەرتەر شەھەر مەركىزى، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى تۈنۈگۈن (2020-يىلى 18-ئۆكتەبىر) تىنچ ئىدى. كىشىلەر بىخەتەر رايونلاردىن ئۆيلىرىگە قايتىپ، قىممەتلىك ئەشيالىرىنى ۋە ئېھتىياجلىق نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىپ، شەھەردىن ئايرىلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيەنىڭ 2020-يىلى 18-ئۆكتەبىر ئىجرا قىلىنغان ۋاقىتلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، ئەزەربەيجان تۇرالغۇلىرىغا ئېغىر تىپلىق توپ-زەمبىرەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر