شەنتوپ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ توغرا دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1511854
شەنتوپ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەجلىس ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا يېتىپ بارغان مۇستافا شەنتوپ، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

مۇستافا شەنتوپ كۆرۈشۈشتە، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ۋە ئىنشائاللاھ ئەبەدىلئەبەد داۋاملىشىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمدە كۈچلۈك دوستلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ دەۋاسىنى قوللايدۇ. ئەزەربەيجان قاچان ياردەم تەلەپ قىلسا، شۇ ھامان قوللاشقا ۋە ياردەم قىلىشقا تەييار» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننى قوللىشىدا، كۆپلىگەن سەۋەبلەر بار. ئالدى بىلەن، ئەزەربەيجان بىزنىڭ دوستىمىز ۋە قېرىندىشىمىز. ئىككىنچىدىن، ئەزەربەيجان توغرا دەۋا قىلىۋاتىدۇ. ئىشغال ئاستىدىكى ۋەتەن زېمىنلىرىنى قوغداۋاتىدۇ. بۇ توغرا دەۋانى ھەممە كىشى قوغدىشى لازىم. يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل رايونىمىز ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. ئەرمېنىيە پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرگەن، مۇشۇنداق قىلىپ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، قانۇنغا بويسۇنمايدىغان بىر تەشكىلاتتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئەزەربەيجان رايون مۇقىملىقىنى قوغدىغان دۆلەت. بۇ سەۋەبلەردىن ئەزەربەيجاننى قوللايمىز.»

ئىلھام ئەلىيېۋ كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى شەنتوپ ۋە ھەيئەتنىڭ مۇھىم ۋاقىتتا ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشىنىڭ، ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تارىخ بويىچە داۋاملاشتۇرغان ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» ئېڭى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلەرگە چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى شەنتوپ، مەجلىس ھەيئىتى ۋە تۈركىيە خەلقىگە، ئۆزلىرىنى قوللىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشەككۈر ئېيتىپ، مۇنداق دېدى:

«ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرى باشلانغان ۋاقىتتىن تارتىپ، ئەزىز قېرىندىشىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى بولغان سىزنىڭ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ باياناتلىرى، پۈتكۈل دۇنياغا ئېنىق سىگنال بولدى. سىلەردىن ئەزىز قېرىندىشىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە خەلقىگە سالام يوللايمەن.»

مۇستافا شەنتوپ باكۇ زىيارىتى دائىرىسىدە، ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ساھىبە گافاروۋا بىلەن كۆرۈشتى.

ئەزەربەيجان پارلامېنتىدىكى ئايرىم كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى.

مۇستافا شەنتوپ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر سەۋىيە ۋە ھەر مۇنبەردە ئەزەربەيجاننى قوللاپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەرمېنىيەگە قورال-ياراغ جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇنىڭ ئىشغالىيەتچى ئەرمېنىيەنى مۇكاپاتلاش مەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىمىز بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر