ھىكمەت ھاجىيېۋ: ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلماقتا

ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھىكمەت ھاجىيېۋ ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1511167
ھىكمەت ھاجىيېۋ: ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھىكمەت ھاجىيېۋ تىۋىتتېر ھېساباتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە  ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەزەربەيجان قىسىملىرىنىڭ بازىلىرىنى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتتى. بىز ئەرمېنىيە تەرەپكە قانداق ئىشىنەلەيمىز؟» دېدى

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ماقۇللىغان ۋاقىتلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمى بۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 00:00 دە .خقرا قىلىنىدىغان بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر