ئەزەربەيجان: ئىران تەرەپكە چۈشكەن راكېتامىيوتلارنى ئەرمېنىيە ئاتتى

ئەزەربەيجان ئىران تېرروتېرىيەسىگە چۈشكەن راكېتامىيوتلارنىڭ ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1510755
ئەزەربەيجان: ئىران تەرەپكە چۈشكەن راكېتامىيوتلارنى ئەرمېنىيە ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئۆز زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى، چېكىنگەن ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئىغۋاگەرلىك مەقسىتىدە ئىرانغا راكېتامىيوت ئاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ھىيلىگەر دۈشمەننىڭ بۇ ھەرىكىتى بىزنى غەزەپلەندۈرمەكتە، بىز قېرىنداش ئىران خەلقىنىڭ ئەندىشىسىنى ئورتاقلىشىمىز.»

ئەزەربەيجانغا دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت بولغان ئىراننىڭ، ئەرمېنىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلەۋاتقانلىقى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بۈگۈن قېرىنداش دۆلەت ئىران خەلقىنىڭ ھېسداشلىقىدىن خۇرسەنمىز، ھەمدە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلغان قوللىشىدىن ئىنتايىن مىننەتدارمىز.»

تاغلىق قاراباغدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن، ئىراننىڭ خۇدافەرى ناھىيەسىىكى ئىككى يېزىغا 10 راكېتامىيوت چۈشكەن، راكېتامىيوتلار چۈشكەن بىر ئۆي ۋەيران بولغان، بىر كىشى يارىلانغانىدى.

ئىران، بۇنداق ئەھۋالنىڭ تەكرارلانماسلىقى توغرۇلۇق ھەر ئىككى تەرەپنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر