ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە ئائىت «SU-25» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت «SU-25» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈردى.

1510840
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە ئائىت «SU-25» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت بىر دانە «SU-25» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى، بۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 11 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە ئائىت ھاۋا سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئايروپىلان ئەسلىدە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن.

رايون مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئۇرۇش ئايروپىلانى، تاغلىق قاراباغنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان جەبرايىل يۆنىلىشىدە ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، بۈگۈن رايوندا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، فۇزۇلى شەھىرىنى ۋە ئەتراپىدىكى 7 يېزىنى كونترول ئاستىغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر