ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاندا ئولتۇراق رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاندا ئولتۇراق رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە 47 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1510276
ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاندا ئولتۇراق رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى، 27 – سېنتەبىردىن 16 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 47 ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 222 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى، 1669 ئۆي، 84 بىنا، 301 دۆلەت بىناسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 27 – سېنتەبىر كۈنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەنىدى.

ھەربىي نۇقتىلىرىنى قولدىن بېرىپ قويغان ئەرمېنىيە ئارمىيەسى، ئەزەربەيجاننىڭ پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا توپ ۋە راكېتامىيوتلار بىلەن  ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانىدى.

ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان، موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردە، 10 – ئۆكتەبىر كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دىن ئېتىبارەن، تاغلىق قاراباغدا مېيىت ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانىدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىپ 24 سائەت ئۆتمەيلا ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە شەھىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 35 كىشى يارىلانغانىدى.

تۈنۈگۈنمۇ تەرتەر شەھىرىدە دەپنە مۇراسىمى ئۈچۈن قەبرىستانلىققا كېتىۋاتقان پۇقرالارغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 4 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 4 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر