ئەلىيېۋ: ھەرقانداق ئەھۋالدا تاغلىق قاراباغنىڭ ئىشغالىيىتىگە رازى بولمايمىز

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا تاغلىق قاراباغنىڭ ئىشغالىيىتىگە رازى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1510162
ئەلىيېۋ: ھەرقانداق ئەھۋالدا تاغلىق قاراباغنىڭ ئىشغالىيىتىگە رازى بولمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، رۇسىيەنىڭ «<رىيا نوۋوستى> ئاگېنتلىقى» دا سۆز قىلىپ، ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، قەتئىي ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم بايان قىلدى، ھەمدە ھەرقانداق ئەھۋالدا تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىدە ئەسلا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى، چۈنكى تاغلىق قاراباغدىكى ئۇرۇشنىڭ ئەزەربەيجان ئۈچۈن ئازادلىق ئۇرۇشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز ھەردائىم ئىنتايىن ئىجابىي ۋە پىرىنسىپلىق بولۇپ كەلدى، بىز قەتئىي ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىقلىرىمىزنى ناھايىتى ئېنىق بەلگىلىدۇق. ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھەرقانداق ئەھۋالدا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھوقۇقى يوقتۇر، ئەزەربەيجان ھەرقانداق ئەھۋالدا تاغلىق قاراباغنىڭ ئىشغالىيىتىگە رازى بولمايدۇ.»

ھەر بىر ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىزلىكىنى، ئەمما ھازىرقى ئۇرۇشنىڭ، ئەزەربەيجان خەلقى ئۈچۈن ئازادلىق ئۇرۇشى، ئەرمىنىيە ئۈچۈن بولسا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ سەپلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋانى قەتئىي رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەربىي جەھەتتىن چەت ئەللىكلەرنىڭ سەپلىرىمىزگە قېتىلىشىغا ئېھتىياجىمىز يوقتۇر، دەرۋەقە، ئارمىيەمىز 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەردىن تەركىب تاپىدۇ، ھازىر بىزدە بار بولغان ھەربىي قىسىملار بېرىلگەن ھەر بىر ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداش ئىقتىدارىغا ئىگە.»

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكلىرىنى ئىقرار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچرىغان تالاپەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە مۇرەسسەلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەرمېنىيەنىڭ پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ مۇنداق دېدى: «موسكۋادا قوبۇل قىلىنغان كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا تەييارمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر