قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جېنبېكوۋ: «تارىخقا پۇقرالىرىمنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەب بولغان پىرېزىدېنت بولۇپ خاتىرلىنىشنى خالىمايمەن» دېدى.

1509831
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق ئاخبارات مەركىزىنىڭ باياناتىدا، سورونباي جېنبېكوۋنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ھەممىدىن مۇھىمى قىرغىزىستاننىڭ تىنچلىقى، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جېنبېكوۋ پايتەخت بىشكەكنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تۈنۈگۈن يېڭى مىنىستىرلار كابېنتىنى تەستىقلىدىم، ئەمما بۇ جىددىيچىلىكنى پەسەيتمىدى. دەرھال ئىستېپا  بېرىشىمنى تەلەپ قىلىشلار داۋاملاشماقتا. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئىككى تەرەپلىك توقۇنۇشقا يېقىنلاشتى. بىر تەرەپتە نامايىشچىلار، يەنە بىر تەرەپتە بىخەتەرلىك قىسىملىرى. ئەسكەرلەر ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى پىرېزىدېنتلىق تۇرالغۇسىنى قوغداش ئۈچۈن قورال ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولماقتا. ماڭا نىسبەتەن ھەر بىر ۋەتەندىشىمنىڭ ھاياتىدىنمۇ قىممەتلىك ھېچ نەرسە يوق. تارىخقا پۇقرالىرىمنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەۈ بولغان پىرېزىدېنت بولۇپ خاتىرلىنىشنى خالىمايمەن. شۇڭا مەن ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلدىم» دېدى.

سورونباي جېنبېكوۋ يېڭى باش مىنىستىر سادىر جاپاروۋ ۋە باشقا سىياسىيونلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى بىشكەكتىن چىقىرىش ۋە شەھەر ئاھالىلىرىگە تىنچ- ئامان  تۇرمۇش سۇنۇش چاقىرىقى ئېلان قىلىپ: «ھېچقانداق ھاكىمىيەت دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىدىن قىممەتلىك ئەمەس. ھەممىگە قادىر ئاللاھ ھەممىمىزنى، زېمىنىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغدىسۇن» دېدى.

تۈنۈگۈن باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان جاپاروۋ ۋە باشقا سىياسىيونلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرىدا سورونباي جېنبېكوۋنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر