قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى يېڭى باش مىنىستىرنىڭ ھۆكۈمەت پىروگراممىسىنى رەت قىلدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېئېنبېكوۋ، سادىر جاپاروۋنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى ۋە پىروگراممىسىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن پارلامېنت تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قارارنامەسىنى رەت قىلدى.

1508752
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى يېڭى باش مىنىستىرنىڭ ھۆكۈمەت پىروگراممىسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېئېنبېكوۋ، تۈرمىدىن چىقىرىلىپ باش مىنىستىرلىق ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇلغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى سادىر جاپاروۋنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى ۋە پىروگراممىسىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن پارلامېنت تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قارارنامەسىنى رەت قىلدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكمىسى ئاخبارات مەركىزى بايانات بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ جاپاروۋنىڭ باش مىنىستىرلىقى ۋە كابىنېتىنىڭ قانۇنلۇقلىقىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقان پىرېزىدېنت جېئېنبېكوۋنىڭ، 120 پارلامېنت ئەزاسى بولغان پارلامېنتتىكى بېلەت تاشلاشقا كۆپ سانلىق قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن، قارارنامەنىڭ قايتۇرۇۋېتىلىشىغا قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باش مىنىستىر نامزاتى ۋە ئىچكى كابېنىت ئەزالىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلىنىدىغان پەۋقۇلئاددە پارلامېنت يىغىنىغا 51 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قاتناشلىقى، 10 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ۋاكالەتنامە ئەۋەتكەنلىكىنىڭ ئايدىڭلىشىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، باش مىنىستىر كاندىداتى، ھۆكۈمەت پىروگراممىسى، قۇرۇلمىسى ۋە كابىنېت ئەزالىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا پارلامېنتنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى بولغان كەم دېگەندە 61 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشىنىڭ شەرتلىكى تەكىتلەندى.

قىرغىزىستاندا 4 – ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمى نەتىجىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچىلەر تەشكىللىگەن نامايىش زوراۋانلىققا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ۋە پارلامېنت بىناسى ئىشغال  ۋە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنغانىدى.

نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمى، «ۋالىينى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋە نامايىش تەشكىللەش» سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئاتا يۇرت پارتىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى سادىر جاپاروۋنى تۈرمىدىن چىقىرىپ، شۇ كۈنى ئۇنى باش مىنىستىرلىق ئورنىغا ئولتۇرغۇزغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر