مەسۇت ئۆزىل ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قاراباغنى ئىشغالىيەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قوللىدى

ئەنگىلىيەنىڭ ئارسېنال كوماندىسىدا ئويناۋاتقان مەسۇت ئۆزىل ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان زېمىنلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللىدى.

1508849
مەسۇت ئۆزىل ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قاراباغنى ئىشغالىيەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەسۇت ئۆزىل تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ، تاغلىق قاراباغ رايونىنىڭ خەلقئارا ۋە قانۇن نۇقتىسىدىن ئەزەربەيجاننىڭ قانۇنلۇق بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا قانۇنسىز ئىشغال قىلىنغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ بىلىپ يېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەسۇت ئۆزىل 2008 - يىلى مارتتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە، ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە  قارار ماقۇللانغانلىقىنى  ئەسكەرتىپ، «مەن سىلەرگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى قارارىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ھەممەيلەن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتمەكچىمەن » دېدى.

تىنچلىق مۇھىتى يارىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن مەسۇت ئۆزىل يەنە  مۇنداق دېدى:

«ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ زور دەرىجىدە ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقى، خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ سانلىقلارنىڭ  ئورتاقلاشقان پىكىرلىرىنى قوللايمەن. تىنچلىقنى قوللايلى! بىرمۇ زوراۋانلىق بولمىغان، تېخىمۇ ئادىل كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشايلى! ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆلۈمى ھەممەيلەنگە نىسبەتەن زىياندۇر»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر