ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: مەنزىل قاراباغ

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك ئانار ئەيۋازوۋ ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1505857
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: مەنزىل قاراباغ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك ئانار ئەيۋازوۋ تۈنۈگۈن (2020-يىلى 8-ئۆكتەبىر) ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا ئەرمېنىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەرمېنىيە ھەربىي ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە ۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان لىنيەلىرىدە، ئەرمېنىيە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ بىرىنچى ۋە يەتتىنچى پولىك ئەسكەرلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگەن ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ بەزى ۋىلايەتلەردە «Toçka-U» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەزەربەيجان پۇقرالىرىدا ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بومباردىمان قىلغان نۇقتىلارنىڭ خەلقئارالىق پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن قانۇنىي نىشانلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھېچقانداق قورال-ياراغ مەسىلىسى يوق. ئارمىيەمىز قايتۇرما ھۇجۇم باشلىغان كۈندىن ھازىرغىچە ئازاد قىلغان رايونلاردىن بىر قەدەممۇ كەينىگە چېكىنمىدى. دەل ئەكسىچە، ھەممە ئىش ھەربىي ھەرىكەت پىلانىغا ئۇيغۇن ھالدا داۋاملىشىۋاتىدۇ.مەنزىل قاراباغ. غەلىبە بىزگە مەنسۇپ» دېدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر