ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەنۋەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن شىۋېتسارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
1504957
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بايراموۋنىڭ بۈگۈن جەنۋەگە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ نىشانى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغ رايونىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ھەل قىلىنىشى مەسىلىسىدە ئەزەربەيجاننىڭ پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.