ئەلىيېۋ ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1502097
ئەلىيېۋ ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغا تېلېفون قىلىپ، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ قايتىدىن  باشلىنىشى  توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋمۇ، ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئولتۇراق رايونلىرىنى شىددەتلىك توپقا تۇتۇشى نەتىجىسىدە، 19 ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 60 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يۈزلەرچە ئۆي – ماكاننىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارنىڭ بىر قىسمىنى ئازاد قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەلىيېۋ، ئېرىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ قاچان مۇزاكىرە باسقۇچىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان قەدەملەرنى تاشلىسا، شۇ چاغدا ئەزەربەيجاننىڭمۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن، ھەمدە مۇزاكىرە باسقۇچىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ قايتا باشلىنىشىنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارىنىڭ ئېرىۋان ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر