ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كېچە بويىچە داۋاملاشتۇردى.

1500930
ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ تەرتەر ۋىلايىتىگە قىلغان زەمبىرەك ھۇجۇمىدا بىر پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ھۇجۇمدا قازا قىلغان پۇقرالار سانىنىڭ 16 گە، يارىلانغان سانىنىڭ 55 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بولسا، ھەربىي قىسىملارنىڭ كېچە بويىچە ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلاردىكى ئەرمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئىستىھكاملىرىغا زەربە بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى ۋە ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ئەرمەن نىشانلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ كۆرۈنۈشلىرىمۇ تارقىتىلدى.

ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، 4 كۈندىن بۇيانقى توقۇنۇشلاردا 200 گە يېقىن تانكا ۋە بىرونېۋىكنىڭ، 228 زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ، 30 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ، 6 قوماندانلىق قىلىش ۋە كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ، 5 ئوق – دورا ئىسكىلاتىنىڭ، 110 ئاپتوموبىلنىڭ ۋە 1 س-300 مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەرمېنىيەنىڭ گورۇس ۋىلايىتىدىن توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقى، بومبىلارنىڭ جەبرائىل – فۇزۇلى رايونىدىكى توقۇنۇش فىرونتىغا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «ئەرمېنىيەدىن ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا ئوق چىقىرىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز، ئەكسىچە بولغاندا ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەزەربەيجان ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەرمېنىيە ئارمىيەسى، رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇخبىرلارنىمۇ زەربە ئوبيېكتى قىلماقتا.

توقۇنۇشلارنىڭ بىرىنچى كۈنى (27 – سېنتەبىردە) ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە ت ر ت مۇخبىرلىرى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ئاھالىلەر رايونلىرىغا ناھايىتى يېقىن جايلارغا گىرانامىيوت ئوقى چۈشكەندىن بۇيان نۇرغۇن مۇخبىر خەتەرلىك پەيتلەرنى باشتىن كەچۈردى.

يېقىنقى 5 كۈننىڭ مابەينىدىكى ئوخشاش بولمىغان جايلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا ARB TV، Hazar TV، Ictimai TV، Space TV، ATV، BAKU TV، AZAERTAC،  APA  خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە تۇران خەۋەر ئاگېنتلىقى دېگەندەك تېلېۋىزىيە ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رايونلارغا ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوقلىرى چۈشتى.

بەزىدە ئۆلۈم بىلەن روبىرولىشىپ قېلىۋاتقان مۇخبىرلار رايوندا قىيىن شارائىت ئاستىدا خەۋەر ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر