ئەرمېنيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ، زېمىنىنى ئىشغالچىلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باشلىغان قايتۇرما ھۇجۇمىدا ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئارقا – ئارقىدىن تالاپەتكە ئۇچرىماقتا.

1500580
ئەرمېنيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «بۈگۈن (تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى) سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكۈچە بوغلان جەرياندا ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا دۈشمەننىڭ بىر ئۇراگان راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى، 2 دانە OSA  ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى،  4 دانە BM - 21 دەرىجىلىك راكېتامىيوت قويۇپ بېرىش ماشىنىسى، پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ماشىنىسى، 16 تانكا، 4 دانە D - 20 تىپلىق زەمبىرەك ۋە 2 يۈك ماشىنىسى ۋەيران قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان پۇقرالار ئولتۇراق رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 15 كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 49 غا يەتتى.

ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرى، سەھىيە مەركەزلىرى، مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 27 - سېنتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا يەنە 116 ئۆي - جاي ۋە 26 ھۆكۈمەت بىناسى ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر