ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى جايلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشلىغان قايتۇرما ھۇجۇمدا، 2 مىڭ 300 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1499987
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى سەپتىكى توقۇنۇشلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، كېچە بويىچە شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، «27-30-سېنتەبىر كۈنلىرى ئارىسىدا 2 مىڭ 300 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى، تەخمىنەن 130 تانكا ۋە ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ، 200 دىن ئارتۇق زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، تەخمىنەن 25 ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى، ئالتە قوماندانلىق مەركىزى ۋە قوماندانلىق كۆزىتىش مەركىزى، بەش قورال ئىسكىلاتى، تەخمىنەن 50 تانكا ئاتار ۋە 55 ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

تۈنۈگۈن (2020-يىلى 29-سېنتەبىر) كى توقۇنۇشلاردا، ئىشغال ئاستىدىكى خوجاۋەند ۋىلايىتى شۇشاكەند رايونىدا ئەرمېنىيەنىڭ بىر دانە «S-300» سىستېمىسىنىڭ پاچاقلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۈگۈن (2020-يىلى 30-سېنتەبىر) ئەتىگەن يوقىتىپ قويغان نۇقتىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ماداگىز يۆلۈنىشىدە توپلانغان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بارلىق سەپ بويىچە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملاشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشلىغان قايتۇرما ھۇجۇمدا، ئاغدەرە-تەرتەر يۆنۈلىشىدە ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ قورشاۋغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر